[ئائىلەم جەننىتىم] لايىق تاللاش (1)

[ئائىلەم جەننىتىم] لايىق تاللاش (1)

[ئائىلەم جەننىتىم] لايىق تاللاش (1)
ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى سۆزلىگەن ”ئائىلەم جەننىتىم“ دەرسىدىن

بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ

الحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله وعلى آله وصحبه ومن والاه أما بعد:
لايىق تاللاش قىز-يىگىتلەرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نىكاھتىكى «قوبۇل قىلدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالغا «ھەئە» سۆزى بىلەن بەرگەن جاۋابىڭلار، ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ زىل جاۋابتۇر. شۇڭا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى، شەرتلىرى ۋە ئۆلچەملىرىنى بىلمەي تۇرۇپ لايىق تاللاش، ئۆزىنى خەتەرگە ئاتقان بىلەن باراۋەردۇر.
ئائىلە ھاياتلىقتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئورگان ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ «ئورگان» دىكى ئەڭ يېقىن ھەمراھنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشىمىز كېرەك. لايىق تاللاشتىن ئىلگىرى شەرىئەتنىڭ يول-يورۇق ۋە كۆرسەتمىلىرى كاللىمىزدا ئېنىق بولۇشى لازىم. توي قىلىش ئالدىدىكى ئوغۇل-قىزلارنىڭ بۇ دەرسنى ياخشى چۈشۈنۈپ، تېگىشلىك شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا لايىق تاللاپ توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىسى ئىسلاھ بولۇپ، ئۆلچەملىك ئىسلامىي ئائىلىگە ئايلانغۇسى. نەتىجىدە بۇ خىل ئائىلىدىن ئۈممەتنىڭ يېتەكچى رەھبەرلىرى ۋە جەڭچىلىرى يېتىشىپ چىقىپ، ئۈممەتنى جاھالەت ۋە خارلىقتىن قۇتقۇزۇپ چىققۇسى، ئىنشائاللاھ!
يىگىتلەر ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، قىزنى ئۆز مەنپەئەتى ياكى ئۆتكۈنچى قىزىقىش-ھەۋەسلىرىگە تايىنىپلا تاللىسا، ئۆزىنى كەلگۈسى نامەلۇم بىر خەتەرگە ئاتقان بولىدۇ. يەنى، شىركەت قۇرماقچى ياكى دورىخانا ئاچماقچى بولۇپ، تېببىي ساھەدە دىپلومى بار قىزغا ھاجىتىمىز چۈشكەچكە، شۇ خىل قىزنى تاللىساق ياكى ئەخلاقلىق كاتتا بىر ئالىمنىڭ قىزى بىلەن، «دادىسى ياخشى» دەپلا توي قىلساق بولامدۇ؟ بىر قىزنىڭ ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىنى ياكى قۇرئان كەرىمنى پۈتۈن يادلاپ بولغانلىقىنى بىلىپ، «ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۇنداق قىزنى تاپماق تەس» دەپلا ئۇنى ئالساق بولامدۇ؟
دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، قۇرئان يادلاش ھەقىقەتەن كاتتا ئىش، ئاللاھنىڭ بىزگە قۇرئان يادلىغان ۋە يۈزىنى يۆگىگەن بىر ئايالنى مۇۋەپپەق قىلىشى بىزنىڭ تەلىيىمىز. ئەمما ئۇ قىزنىڭ قۇرئان يادلىغانلىقى ۋە دەرستە ياخشى بولغانلىقى بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟
«بىز ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمىز بولىدىغان قىزنى قانداق تاللايمىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن. سىز مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولۇڭ، تاللىغان ھەمراھىڭىز تۇرمۇشىڭىز، دىنىي ئېتىقادىڭىز ۋە ئاخىرەتتىكى بەختىڭىز قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە شەرتلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەمما ئاۋۋال توي قىلىپ بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيمىزكى:
بىرىنچى، سىلەر «بۇ شەرتلەردىن قايسىسى مېنىڭ ئايالىمدا بار، قايسىسى يوق؟ ئەمدى تاللاش پۇرسىتىم كېتىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ» دەپ ھەسرەت چېكىپ، ئايالىڭلاردا بۇ شەرتلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار. سىلەرنىڭ نىكاھىڭلاردىكى ئايال ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى ئايال، شۇنىڭغا قانائەت قىلىپ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېسىۋىسىگە رازى بولۇڭلار.
ئىككىنچى، ئايالىڭلاردا مۇسۇلمان ئايالدا بولۇشى كېرەك بولغان شەرتلەرنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا سەمىمىيەت بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە ئۇلارنى ھالال مال-دۇنيا بىلەن تەمىنلەڭلار.
ئۈچىنچى، ئايالىڭلارنى ئۆلچەملىك مۇسۇلمان ئايال قىلىش ئۈچۈن، ناھايىتى يۇمشاق قول، ئەخلاقلىق بولۇپ، گۈزەل ئۇسۇللار بىلەن تەربىيەلەڭلار. ئۇلارغا ئىلىم سورۇنلىرى ھازىرلاپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىڭلار. ئۇلار ئىلىم-مەرىپەت ۋە ۋەز-نەسىھەتتىن مەھرۇم قالمىسىلا، ئاللاھ ئائىلەڭلارنى بەختلىك ۋە گۈزەل ئائىلە قىلىپ بېرىدۇ، ئىنشائاللاھ!
رەسۇلۇللاھ: ”تخيروا لنطفكم فانكحوا الأكفاء وأنكحوا إليهم“ «سىلەر بالاڭلارنىڭ ئانىسىنى ياخشى تاللاڭلار، ئۆزۈڭلارغا ماس كېلىدىغان ئايال بىلەن توي قىلىڭلار، قىزلىرىڭلارنى ماس كېلىدىغان ئەرگە بېرىڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بىزنى لايىقنى ياخشى تاللاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ. ئوسمان ئىبنى ئەبۇلئاس (ئاللاھ رازى بولسۇن): «ئى ئوغلۇم! توي قىلغۇچى يىگىت كۆچەت تىككۈچىگە ئوخشايدۇ. سەن كۆچەت تىكىدىغان ئورۇننى ياخشى تاللا. چۈنكى شورلۇق يەردىن قىزىل گۈلنىڭ ئۈنۈشى ناھايىتى بەك ئاز ئۇچرايدۇ. شورلۇق يەردە پەقەت تىكەن ئۈنىدۇ» دېگەن. شۇڭا لايىق تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلىنىش كېرەك. ئۇنداقتا لايىق تاللاش ئۈچۈن شەرىئەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم نېمە؟
بىرىنچى شەرت: تاللىماقچى بولغان لايىق مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. مۇسۇلمان ئەقەللىيسى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ۋە روزا تۇتۇش قاتارلىق ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مانا بۇلار بىر كىشىنى كاپىرلىق دائىرىسىدىن مۇسۇلمانلىق دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغان ئەقەللىي شەرتلەر. نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك؟ بۇنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئىسلامىي ئائىلىنىڭ ياراتقۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلگەن مۇكەممەل ئائىلە نىزامى بولغاچقا، مۇسۇلمان ئائىلىسىنى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ ياكى ئاتا-ئانىسىدىن قالغان ئۇدۇم بويىچە باشقۇرماستىن، شۇ بۈيۈك ئىلاھىي نىزام بىلەن باشقۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ بۇ ئائىلە نىزامى مۇسۇلماندا توغرا قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈپ، ئائىلە باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان، ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە شەرىئەتنىڭ ئاياللارنى نەقەدەر ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ.
ئاللاھ تائالا لايىق تاللىغاندا مۇسۇلماننى تاللاشقا بۇيرۇغان. چۈنكى ھەقىقىي مۇسۇلمان ھالال جۈپتىنى خورلىمايدۇ، زۇلۇم قىلمايدۇ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ تاشلاپ قويمايدۇ ۋە خالىغانچە ئۆي تۇتۇپ، خالىغانچە قويۇپ بەرمەيدۇ. ھەتتاكى ئاجرىشىشقا توغرا كېلىپ قالغاندىمۇ، شەرىئەت پىرىنسىپى بويىچە زۇلۇم قىلماستىن ئاجرىشىدۇ. شۇڭا تاللىماقچى بولغان لايىقنىڭ دىيانىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مەرسەد ئىسىملىك ناھايىتى كۈچلۈك ۋە جاسارەتلىك بىر ساھابە بار ئىدى. بۇ ساھابە مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن دائىم مەككىگە مەخپىي بېرىپ، ئۇ يەردىكى ھىجرەت قىلالمىغان ئاجىز مۇسۇلمانلارنى قاچۇرۇپ مەدىنىگە ئېلىپ كېلەتتى. بىر قېتىملىق قاچۇرۇشتا، ئۇنىڭغا جاھىلىيەتتىكى ئەناق ئىسىملىك سۆيگىنى ئۇچراپ قېلىپ: «ياخشىمۇ سەن؟ مەككىگە قاچان كەلدىڭ؟» دەپ ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆيىدە قونۇپ قېلىش تەلىپىنى قويدى. مەرسەد: «ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ. چۈنكى دىنىم مېنى بۇ ئىشتىن چەكلەيدۇ» دېگەندە، ئۇ ئايال: «ئۆتكەن شېرىن كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز قەيەردە قالدى؟» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى. ئەمەلىيەتتە مەرسەد ئۇ قىز بىلەن جاھىلىيەتتە ئاشىق-مەشۇق بولغان بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈشەتتى. ئۇ ساھابە: «مەن سېنى چۈشىنىمەن، ئەمما دىنىم مېنى بۇ ھارام ئىشتىن چەكلەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال: «سەن يا مېنىڭ تەلىپىمگە قوشۇلىسەن يا سېنى ئەتراپتىكىلەرگە ئاشكارىلايمەن. ھەممە ئادەم سېنىڭ مۇسۇلمانلارنى قاچۇرغانلىقىڭنى بىلىدۇ» دېدى. بۇ چاغدا مەرسەد بۇ گەپنى ئاڭلاپلا قاچىدۇ. ئەناق بولسا: «مەرسەد ئادەم ئېلىپ قاچتى» دەپ توۋلايدۇ. مەككىدىكى مۇشرىكلار بۇنى ئاڭلاپ نەيزە، قىلىچلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇ ساھابىنى قوغلايدۇ. ئۇ قېچىپ تامدىن سەكرەپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بولسىمۇ، سالامەت مەدىنىگە يېتىپ بارىدۇ.
مانا بۇ ئىماننىڭ كۈچى بولۇپ، سۆيگىنى شۇنچە تەلەپ قىلسىمۇ «بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ كېتەي» دېمىدى. بەلكى پۇتى سۇنۇپ كېتىشىگە قارىماستىن ئۇ گۇناھ ئىشتىن قاچتى. مەرسەد رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇ ئايالنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ جاۋاب بەرمەي سۈكۈتتە تۇردى ۋە ئاز ۋاقىتتىن كېيىن: ﴿وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ﴾ «مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىن دېدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر» دېگەن ئايەت نازىل بولدى.
بىز توي قىلماقچى بولغان قىز ھەرقانچە چىرايلىق ۋە ئېسىلزادە بولغان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمان بولمىسا توي قىلماسلىقىمىز كېرەك. لايىق تاللاشنىڭ بۇ شەرتىگە سەل قارىساق قەتئىي بولمايدۇ. تاللىغان لايىقنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشنىڭ يولى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى، يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىم-كېچىكى ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى شەرت: تاللىماقچى بولغان لايىق پەزىلەتلىك ۋە سالىھ بولۇشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ: ”الدنيا متاع وخير متاعها المرأة الصالحة“ «دۇنيا مال-دۇنيا دېمەكتۇر. مال-دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشىسى پەزىلەتلىك سالىھ ئايالدۇر» دېگەن. ئاللاھ ساڭا سالىھ ئايالنى مۇۋەپپەق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولساڭ، ئۇ سەن ئىگە بولغان شىركەتلەر، مال-دۇنيالار، ئېگىز بىنالار، قىممەت باھالىق ماشىنىلار ۋە بانكىدىكى پۇللاردىن ياخشىدۇر. رەسۇلۇللاھ يەنە بىر ھەدىستە: ”ما استفاد المؤمن بعد تقوى الله عزَّوجلّ خيرً له من زوجة صالحة“ «مۇئمىن ئەر تەقۋالىقتىن قالسا، سالىھ پەزىلەتلىك ئايالدىنمۇ ياخشىراق بىر پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن.
پەزىلەتلىك ۋە سالىھ ئايالنىڭ نۇرغۇن سۈپەتلىرى بار. ئۇلاردىن بىرىنچىسى، ئېرى بۇيرۇق قىلسا ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش. ھەرقانداق شىركەت ياكى دۆلەتتە، باشلىققا ئىتائەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى باشلىققا ئىتائەت قىلماسلىق، دۆلەت ياكى شىركەتنى چۇۋالچاق ھالەتكە ئاپىرىپ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئەرگە ئىتائەت قىلىش ئايالنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئائىلىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقى ۋە بەختلىك بولۇشىغا ياردەمدە بولىدۇ.
پەزىلەتلىك ئايالنىڭ ئىككىنچى سۈپىتى، ئېرىنى خۇرسەن قىلىش. ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كىيىم-كېچەكتە رەتلىك بولۇشى يولدىشىنى خۇرسەن قىلىدۇ. بەزى قىزلىرىمىز پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، ئەمما بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى دىنىمىزدا ئايال كىشى ئېرى ئۈچۈن ياسانسىمۇ ساۋابقا ئېرىشىدۇ. رەسۇلۇللاھ: «پەزىلەتلىك ئايالنىڭ كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە تۇتقان ئۆيى ئېرىنى خۇرسەن قىلغۇدەك دەرىجىدە رەتلىك ۋە پاكىز بولىدۇ» دېگەن.
پەزىلەتلىك ئايالنىڭ ئۈچىنچى سۈپىتى، ئېرى ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى چوقۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ قەسەم قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قەسىمىگە ۋاپا قىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش. يەنى، ئايال كىشى قىلىشقا تەلەپ قىلىنغان ئىش شەرىئەتنىڭ سىرتىدا بولمىسىلا، يولدىشىنىڭ تەلىپى بويىچە شۇ ئىشنى ئورۇندىشى، پەزىلەتلىك ئاياللارنىڭ گۈزەل خىسلەتلىرىدىن بىرىدۇر.
پەزىلەتلىك ئايالنىڭ تۆتىنچى سۈپىتى، ئېرى سەپەر قىلسا، ئۆز نەپسىنى ۋە ئېرىنىڭ مال-مۈلكىنى ياخشى ساقلاش. بىز بۇ نۇقتىنى بىلىش ئۈچۈن، تاللىماقچى بولغان لايىقىمىزنىڭ قانداق ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقى، قانداق كىتابلارنى ئوقۇپ، نېمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا قانداق نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە قاراپ بېقىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى شەرت: تاللىماقچى بولغان لايىق ساپالىق بولۇشى كېرەك. ساپالىق لايىق بىزنى نۇرغۇن ئىشلاردا خاتىرجەم قىلسا، ساپاسىز لايىق بىزنى دائىم بىئارام قىلىدۇ. بىزنىڭ «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ ئايال، يەر قىلغانمۇ ئايال» دەيدىغان ماقال-تەمسىلىمىز بار. ئايال كىشى ساپاسىز بولۇپ قالسا، ئەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىلمىي جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىگە يەتكەن، چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتقان ياكى شۇنداق قىلىشنى ئويلايدىغانلار چوقۇم ئۆزىگە ھەمدەمدە بولالايدىغان ساپالىق لايىق تاللىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھمۇ بىر ساپاسىز ئايال بىلەن توي قىلىپ، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە قويۇۋەتكەن ئىدى.
رەسۇلۇللاھ بىر ئايال بىلەن توي قىلدى. توي كۈنى كەچتە ئۇ ئايالنىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلماقچى بولغاندا، ئۇ ئايال: ”أعوذ بالله منك“ «مەن ئاللاھقا سېغىنىپ سەندىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى. بۇ شەيتاندىن پاناھ تىلىگەندە: ”أعوذ بالله من الشيطان الرجيم“ «مەن ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ ئوقۇلىدىغان دۇئاغا ئوخشاش بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ ھەيران قېلىپ: «نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟» دەپ سورىۋىدى . ئۇ ئايال: «سىلى مۇشۇ سۆزنى ياخشى كۆرىدىكەنلا» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «كىم سىزگە شۇنداق دېدى؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «سىلىنىڭ ئاياللىرى شۇنداق دېگەن ئىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرۇپ كېتىپ: «سىز ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مەندىن پاناھ تىلىدىڭىز، ئائىلىڭىزگە كېتىڭ» دەپ يولغا سېلىپ قويغان. چۈنكى ئۇ ئايال شۇنداق خاتا بىر گەپنى ئۆزى ھېچ چۈشەنمەستىن رەسۇلۇللاھقا دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ بىر قوماندان ۋە ئۈممەتنىڭ بېشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل ساپاسىز ئايال ئۇنىڭغا ماس كەلمەيتتى.
مەسىلەن: ئايروپىلاننىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسىگە تەربىيەلەنگەن يۇقىرى ساپاغا ئىگە ئۇچقۇچىدىن باشقا كىشى كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئەگەر ساپاسىز بىر ئادەم ئۇ يەرگە كىرىپ ئۇچقۇچىنىڭ قېشىدا 2 مىنۇت ئولتۇرۇپ بېقىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ يەردە ئولتۇرغىلى قويامدۇ؟ ئەگەر ئولتۇرغىلى قويسا، ئۇ ساپاسىز خالىغانچە كۇنۇپكىلارنى بېسىپ 2 مىنۇت ئىچىدە ئايروپىلاننى يەرگە چۈشۈرۈۋېتىشى ۋە پۈتۈن يولۇچىلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن.
دېمەك، لايىق تاللاشتا ساپا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى بىز بىر ئائىلىنىڭ بېشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئايروپىلان ھەيدەۋاتقان ئۇچقۇچىغا ئوخشايمىز. بىز بىر نادان ئايالغا ئۆيلەنسەك، خۇددى نادان كىشى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغاندەك، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بىز ھەرقانچە ساپالىق بولساقمۇ، ئەگەر يېنىمىزدىكى ھەمراھ ساپاسىز بولۇپ قالسا، بىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
تاللىماقچى بولغان لايىقنىڭ ساپاسىنى، ئۇنىڭدىن «ئىلىمگە قانداق قارايسىز؟ نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى تېخى ناچار، بۇنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟» دېگەندەك چوڭقۇر مەزمۇندىكى بىر قانچە سوئال سوراش ياكى شۇ تېمىدا مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق بىلەلەيمىز. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابى، زىيارەت قىلىدىغان تور بېكەتلىرى، قىزىقىشى، قىلىۋاتقان ئىشلىرى، ئىنتېرنېتقا چىقارغان تېما ۋە ئىنكاسلىرىغا قاراپمۇ ساپاسىنى بىلگىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى شەرت: تاللىماقچى بولغان لايىق ھايالىق بولۇشى كېرەك. قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ھاياسىدا ئىپادىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىم كىيسە ئەر كىشىدەك كىيىدىغان، كۈلسە ئەر كىشىدەك كۈلىدىغان ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەركىشىگە ئوخشايدىغان ھاياسىز ئاياللارغا لەنەت ئوقۇغان. بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: ”إن لكل دينٍ خُلُقًا، وخُلُقُ الإسلام الحياءُ“ «ھەرقانداق دىننىڭ ئەخلاقى بولىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى ھايادۇر» دېگەن.
ھايا قىلىش دېگىنىمىز، نومۇسلۇق ئىش-ھەرىكەتتىن يىراق تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى خىجىللىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. خىجىللىق بىرخىل پىسخىكا كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ناماز ئوقۇيدىغان ۋە ئوقۇمايدىغان بىر قانچە دوستلار بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرغاندا نامازغا ئەزان چىقسا، دادىللىق بىلەن «دوستلار! يۈرۈڭلار، ناماز ئوقۇپ كېلەيلى» دېيىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق خىجىللىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىرخىل كېسەللىك بولۇپ، ئۆزىدە ئىشەنچ بار ئادەمدە خىجىللىق بولمايدۇ، بەلكى ھايا قىلىش بولىدۇ.
تاللىماقچى بولغان لايىقنىڭ ھايالىق ياكى ھاياسىزلىقىنى مۇئامىلە جەريانىدىكى ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن بىلىۋالالايمىز. بىر يىگىت بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن قايتىپ كەپتۇ. كېيىن ئۇ قىز بىلەن بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغاندا، قىزنىڭ ئاكىسى ئالىدۇ. يىگىت ئۇنىڭغا: «مەن سىلەرنىڭ ئۆيگە بېرىپ توي ھەققىدە قايتا پاراڭلاشماقچى ئىدىم» دېگەندە، قىزنىڭ ئاكىسى دادىسىدىن سوراپ، يىگىتنىڭ تەلىپىگە قوشۇلىدۇ. ئارقىدىن ئۇ قىز يىگىتكە تېلېفون قايتۇرۇپ: «راست توي قىلىدىغان بولسىڭىز كېلىڭ، بولمىسا كېلىپ يۈرمەڭ» دەپتۇ. ئۇ يىگىت مەندىن: «مۇشۇنداق ئىش بولدى. قانداق قىلىمەن؟» دەپ مەسلىھەت سورىدى. مەن: «بۇ قىز بىلەن توي قىلما، چۈنكى بۇ قىزدا ھايا يوق ئىكەن. دادىسى بىلەن ئاكىسى پىكىرىڭگە قوشۇلسا، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى كۆزگە ئىلمىغان قىز، كېيىنچە سېنى قانداقمۇ كۆزگە ئىلىدۇ؟» دېگەن ئىدىم.
ھايا ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك، تېپىلمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بىز قىزلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلىرى، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، كىيىنىشلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ ھايالىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز. بىز لايىق تاللىغاندا بۇ نۇقتىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
بەشىنچى شەرت: تاللىماقچى بولغان لايىق ئېرىگە ئىتائەتچان بولۇشى كېرەك. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، گۇناھ ئىشلاردىمۇ قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتائەت شەرىئەت دائىرىسىدە، قۇرئان-ھەدىسكە زىت بولمىغان، ئۆزىگە جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زىيان يەتمىگەن ئاساستا بولۇشى كېرەك. ئىتائەت ئائىلىگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىپ، ئەرگە خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ. ئائىلە بىر دۆلەتكە ئوخشايدۇ. دۆلەتنىڭ چوقۇم بىر رەئىسى بولۇشى ۋە قول ئاستىدىكىلەر چوقۇم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا دۆلەتنى خاتىرجەم باشقۇرۇپ گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.
تاللىماقچى بولغان لايىقنىڭ ئىتائەتچان ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ بۇنى تويدىن بۇرۇن ئاشكارا دېيىشىش ياكى بولمىسا «قىزنىڭ ئائىلىسىنى دادا ئىدارە قىلامدۇ ياكى ئانىمۇ؟» دېگەن نۇقتىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىقمۇ بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تويلۇق ئالىدىغان ۋاقىتتا ۋە قىزغا چاي ئىچكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىگە بارغاندا، ئانىسى سەھنىنىڭ ئالدىغا چىقىپ گەپنىڭ ھەممىنى قىلىپ، دادىسى سەھنىنىڭ ئارقىسىدا قالغان بولسا، بۇ ئائىلىنى ئانىنىڭ ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. كۆپىنچە ئەھۋالدا قىز بالا ئانىنىڭ تەربىيەسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەچكە، كېيىن ئۆي تۇتقاندىمۇ ئانىسىدىن ئالغان ئۇدۇم بىلەن ئۆينىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئائىلىدە «ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى» پەيدا قىلىپ، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ شەرىئەت دائىرىسى ئىچىدە ئەرگە ئىتائەت قىلىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئىنكاس يېزىش

ئىلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ . زۆرۈر ئورۇنلار *

*