[ئائىلەم جەننىتىم] توي قىلىشنىڭ ساۋابى

[ئائىلەم جەننىتىم] توي قىلىشنىڭ ساۋابى

[ئائىلەم جەننىتىم] توي قىلىشنىڭ ساۋابى

ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى سۆزلىگەن ”ئائىلەم جەننىتىم“ دەرسىدىن

بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
الحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله وعلى آله وصحبه ومن والاه أما بعد:

بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىككى ئورتاق ئارزۇسى بولىدۇ. بىرى، دۇنيادا ساغلام ياشاش. يەنە بىرى، بەختلىك بولۇش. ئىنسان قانداق قىلغاندا ساغلام ۋە بەختلىك ياشىيالايدۇ؟ ئىنسان ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ مۇرەككەپ مەخلۇقتۇر. شۇڭا ئاللاھ ئىنساننى يارىتىپ، ئۇنىڭ بەختلىك ھەم خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن يول-يورۇق ۋە تەلىماتلارنى بەردى. بۇ خۇددى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە سېتىۋالغاندا، ياسىغۇچى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى» گە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىنسانمۇ دۇنيادا «بۇزۇلماي توغرا خىزمەت قىلىشى» ئۈچۈن، چوقۇم ياراتقۇچى چۈشۈرۈپ بەرگەن «چۈشەندۈرۈش» بويىچە مېڭىشى كېرەك.

ئىنسان ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتى، سالامەت ياشىشى ۋە ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىنسان مۇشۇ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھ بېكىتىپ بەرگەن تەلىماتقا بويسۇنۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئىككى دۇنيادا بەختلىك ۋە خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئىلاھىي تەلىماتنى ئىنسانلارغا يەتكۈزدى ۋە ئەمەلىي ھاياتى بىلەن دۇنيادا بەختلىك ئائىلە ئۈلگىلىرىنى قۇرۇپ، ئىنسانلارنى تەربىيەلىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئۈممەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولغان ئۆلىمالار، كىشىلەرگە بەختلىك ئائىلە قۇرۇش پىرىنسىپىنى يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

بەختلىك بولۇش ئۈچۈن، بىزنى ياراتقان ئاللاھنىڭ تەلىماتى بويىچە ياشىشىمىز كېرەك. دىنىمىز ناھايىتى كۆپ ئايەت-ھەدىسلەردە بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل-قىزلارنى ئائىلە قۇرۇشقا قىزىقتۇرغان. چۈنكى ئائىلە قۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ يەرشارىدا كۆپىيىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاندىن سىرت، ئىجتىمائىي، پىسخىكا ۋە فىزىيولوگىيە جەھەتتىن ساغلام بولۇشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَأَنكِحُوا الْأَيَامَىٰ مِنكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ إِن يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّـهُ مِن فَضْلِهِ وَاللَّـهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ﴾ «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىلگۈچىدۇر» دېگەن. ئاللاھ بۇ ئايەتتە شىركەت، زاۋۇت ۋە كارخانا خوجايىنلىرىنى قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بويتاق ئوغۇل-قىزلارنىڭ نىكاھىنى قىلىپ قويۇشقا بۇيرىدى. ئۇلار كەمبەغەل بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”إذا جاءكم من ترضون دينه وخلقه فزوجوه إلا تفعلوه تكن فتنة في الأرض وفساد كبير“ «دىنى ۋە ئەخلاقىغا رازى بولىدىغان كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا قىزىڭلارنى چوقۇم بېرىڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، زېمىندا پىتنە ۋە كەڭ كۆلەمدە پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ» دېگەن. زېمىندا ساغلام ۋە خاتىرجەم ياشىماقچى بولساق، شەرىئەتنىڭ تەلىماتىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. ئاللاھنىڭ تەلىماتىغا قارشى چىقىش، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.

مەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىر قانچە كىشى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم، بىز زىنا ۋە ياكى باشقا بۇزۇقچىلىق قىلمىدۇق. بۇ كېسەل بىزگە قەيەردىن يۇقۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمىز» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ سۆزىدىن سەمىمىيەت چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىغان بولسىمۇ، ئەتراپىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بالا-قازا كەلگەن ئىدى.

ئىنسانلار خۇددى بىر پاراخوتتىكى يولۇچىلارغا ئوخشايدۇ. بىرىنىڭ خاتالىقى ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭ يامانلىقىنى توسۇپ، توغرا يولغا باشلىمىسا «پاراخوت» غەرق بولىدۇ-دە، ھېچكىم ئامان قالمايدۇ. شۇڭا «قىرغاق» قا ساق-سالامەت يېتىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن، ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
ئىنسانىيەتنىڭ يەر شارىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئۇنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن، ئاللاھ توي قىلىشنى ناھايىتى مۇھىم پەرزلەر قاتارىدا بېكىتىپ بەردى. توي قىلىش پەقەت ئائىلە قۇرۇپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىش ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىپ يەر شارىنى گۈللەندۈرۈشى ۋە دۇنيادا بەختلىك ياشاپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئائىلە قۇرۇشنى ئىختىيارى قىلماي، مەجبۇرىيەت ئاساسىدا پەرز قىلىپ بېكىتكەن.

رەسۇلۇللاھ: ”ثَلاثَةٌ حَقٌّ عَلَى اللَّهِ عَوْنُهُمْ: الْمُجَاهِدُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ، وَالْمُكَاتَبُ الَّذِي يُرِيدُ الْأَدَاءَ، وَالنَّاكِحُ الَّذِي يُرِيدُ الْعَفَافَ“ «ئۈچ تۈرلۈك ئادەم بار، ئاللاھ چوقۇم ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىد، ئۈستىدىكى شەرتلەشكەن قەرزنى تۆلەشنى مەقسەت قىلغان شەرتلىك ئازاد قىلىنغان قۇل، ھارام زىنادىن ساقلىنىش ئۈچۈن توي قىلغان ئادەم» دېگەن.

ساھابىلەرمۇ توي قىلىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن): «ئەگەر مېنىڭ پەقەت ئون كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، توي قىلغۇدەك ھالىم بولسا چوقۇم توي قىلغان بولاتتىم» دېگەن. ئەلى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پاتىمە ئانىمىز ۋاپات بولۇپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن توي قىلىشنى نىيەت قىلغاندا، ساھابىلەر: «توي قىلىشقا ئالدىراپ قاپسەنغۇ؟!» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «ئەگەر ۋاپات بولسام، ئاللاھقا بويتاق ھالەتتە ئۇچرىشىشتىن قورقىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ساھابىلەر شارائىتى بار تۇرۇپ توي قىلماسلىقنىڭ شەرىئىتىمىزدە خاتا ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.

توي قىلغان ئادەملەر ئاللاھنىڭ كاتتا ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما مەيلى كاتتا ئالىم، ئوقۇتقۇچى ياكى چوڭ باي بولسۇن، توي قىلمىسا توي قىلغانلار ئېرىشىدىغان نۇرغۇن ساۋابلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئائىلىگە چىقىم قىلىنغان ئىقتىساد ھەققىدە: ”دينارٌ أنفقتَه في سبيل الله، ودينار أنفقته في رقبة، ودينار تصدقت به على مسكين، ودينار أنفقته على أهلك، أعظمها أجراً الذي أنفقته على أهلك“ «سەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىر دىنار، قۇل ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىر دىنار، پېقىر-مىسكىنلەرگە بىر دىنار ۋە ئائىلەڭگە بىر دىنار چىقىم قىلساڭ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ئەڭ كۆپ ئەجىر بېرىدىغىنى ئائىلەڭ ئۈچۈن چىقىم قىلغان پۇلۇڭدۇر» دېگەن.

ئاللاھ بالا-چاقىلىرىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ۋە مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن قىلغان چىقىملىرىمىزغا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن قىلغان چىقىمدىنمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىدۇ. بۇ ئەجىرگە پەقەت توي قىلغانلار ئېرىشىدىغان بولۇپ، يەنە بىر ھەدىستە: ”إذا أنفق المسلم نفقة على أهله وهو يحتسبها كانت له صدقة“ «بىر مۇسۇلمان، ئائىلىسىگە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ ئىقتىساد چىقىم قىلغان بولسا، خۇددى سەدىقە قىلغاندەك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ» دېيىلگەن.

بىر دادا ئائىلىسىنى ھالال يولدىن قامداش ئۈچۈن تىرىشىپ پۇل تاپقان بولسا، بۇ خۇددى جىھاد ئۈچۈن تاپقان پۇلدىنمۇ كاتتا پۇل بولىدۇ. ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تاماق ئېتىپ، كىر-قات يۇيۇپ تارتقان جاپالىرىغا، خۇددى جىھاد مەيدانىدا مۇجاھىدلارغا خىزمەت قىلغاندەك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
ئاددىيسى ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ ئاغزىغا بىر قوشۇق تاماق سېلىپ قويسا ياكى ئۆزئارا كۈلۈمسىرەپ قارىسىمۇ ئەجىرگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ: ”إنك لن تنفق نفقة تبتغي بها وجه الله إلا أجرت بها حتى ما تجعل في فم امرأتك“ «سەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىنى چىقىم قىلساڭ، چوقۇم بۇنىڭ ئەجىرىنى ئالىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تاماق سېلىپ قويساڭمۇ (ئەجىرىنى ئالىسەن)» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ: ”إن الرجل إذا نظر إلى امرأته، ونظرت إليه، نظر الله تعالى إليهما نظرة رحمة“ «ئەركىشى ئايالىغا مۇھەببەت نەزىرىدە قارىغان بولسا، ئايالىمۇ ئېرىگە مۇھەببەت نەزىرىدە قارىغان بولسا، ئاللاھ بۇلارغا رەھمەت نەزىرىدە قارايدۇ» دېگەن.
توي قىلغان ئەر-ئايال كۈندە بىرقانچە قېتىم بىر-بىرىگە كۈلۈمسىرەپ قارىسا، بۇ كۈلۈمسىرەش ھەپتە، ئاي ۋە يىل ئۆتكەنسېرى ھەسسىلىنىپ كۆپىيىپ بارىدۇ. مۇشۇ بويىچە داۋاملىشىپ 30، 40 يىل تۇرمۇش قۇرغان ئائىلىدە ئەھۋال قانداق بولار؟! ئاللاھ رەھمەت نەزىرىدە قارىغان كىشىگە، چوقۇم رەھمەت قىلىدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ كاتتا رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ.
ۋاقتىدا توي قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن بىزدە ھەرخىل ئىجتىمائىي، پىسخىكا ۋە فىزىيولوگىيەلىك نورمالسىزلىقلار يۈز بېرىدۇ. توي قىلىش بىلەن ئىمان ساغلاملىشىپ، كۆز ۋە تىلىمىز ھارامدىن ساقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كوچىلاردا بىھۇدە يۈرمەستىن، بىزنى ئىللىقلىق بىلەن كۈتۈۋالىدىغان ئايالىمىز ۋە سىرتتىكى ھارغىنلىقىمىزنى يوقىتىدىغان ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قېشىغا ئالدىرايمىز. دېمەك، ئىللىق بىر ئائىلە بىزنى نۇرغۇن يامان ئىشلاردىن ساقلاپ قالىدۇ.

رەسۇلۇللاھ: ”من رزقه الله امرأة صالحة فقد أعانه على شطر دينه فليتق الله في الشطر الباقي“ «ئەگەر ئاللاھ بىر ئادەمگە ياخشى بىر ئايالنى رىزىق قىلىپ بەرگەن بولسا، ئاللاھ ئۇ ئادەمنىڭ دىنىنىڭ يېرىمىنى تولۇقلاپ بەرگەن بولىدۇ، ئۇ بەندە قالغان يېرىمىدا ئاللاھتىن قورقسۇن» دېگەن. دېمەك، سالىھ ئايال بىلەن توي قىلىش، دىن ۋە ئىماننىڭ كامىل بولۇشىغا نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

بىز چوڭ ئۆلىما، مويسىپىت ۋە تەقۋادار مۇسۇلمانلارنى كۆرسەك، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئاتا-ئانىمىز شەھەر ئاتلاپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغىلى باراتتى ياكى ئۇلار يۇرتقا كەلسە، قوي ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلىپ دۇئاسىنى ئالاتتى. توي قىلغانلىق بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلىق بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”رحم الله رجلا قام من الليل فصلى، وأيقظ امرأته فصلت، فإن أبت نضح في وجهها الماء. رحم الله امرأة قامت من الليل فصلت وأيقظت زوجها فصلى، فإن أبى نضحت في وجهه الماء“ «ئاللاھ كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇغان ۋە ئايالىنى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئويغاتقان، ئەگەر ئويغانغىلى ئۇنىمىسا يۈزىگە سۇ چېچىپ ئويغاتقان ئەركىشىگە رەھمەت قىلسۇن. ئاللاھ كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇغان، ئېرىنى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئويغاتقان، ئەگەر ئويغانغىلى ئۇنىمىسا يۈزىگە سۇ چېچىپ ئويغاتقان ئايالغا رەھمەت قىلسۇن» دەپ، ئەر-ئايالغا دۇئا قىلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسى بولسا شەرتسىز ئىجابەت بولىدۇ. دېمەك، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر شۈبھىسىز جەننەتكە كىرىدۇ. مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇنىڭدىن كاتتا ئەجىر قەيەردە بار؟!

توي قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ ئاتا قىلسا پەرزەنتىمىز بولىدۇ. ئەگەر پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلىسەك، تېخىمۇ كاتتا ئەجىرلەرگە ئېرىشەلەيمىز. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ: ”مَنْ عَالَ ثَلاثَ بَنَاتٍ فَأَدَّبَهُنَّ وَزَوَّجَهُنَّ وَأَحْسَنَ إِلَيْهِنَّ فَلَهُ الْجَنَّةُ“ «كىمكى ئۈچ قىزنى بېقىپ ياخشى تەربىيەلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، بىر ئايال: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئىككى قىزچۇ؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئىككى قىزنى شۇنداق قىلسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ ئايال يەنە: «بىر قىزچۇ؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «بىر قىزنى شۇنداق ياخشى تەربىيەلەپ، نىكاھىنى قىلىپ قويسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن بۇ دىيالوگ قوشۇلۇپ كەلگەن.

رەسۇلۇللاھ: ”إذا مات ابن آدم انقطع عمله إلا من ثلاث: ولد صالح يدعو له“ «ئەگەر بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئەمىلى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئەمما ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ ساۋابى ئۈزۈلمەيدۇ، بۇلارنىڭ بىرى، دادىسىغا دۇئا قىلىدىغان ياخشى پەرزەنت» دېگەن ۋە يەنە بىر ھەدىستە: ”إِنَّ اللَّهَ عَزَّ وَجَلَّ يَرْفَعُ الدَّرَجَةَ لِلْعَبْدِ فِي الْجَنَّةِ، فَيَقُولُ: يَا رَبِّ أَنَّى لِي هَذِهِ؟ فَيَقُولُ: بِاسْتِغْفَارِ وَلَدِكَ لَكَ“ «بىر ئادەمنىڭ جەننەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ئادەم: ئى رەببىم، بۇ دەرىجىگە قانداق يەتتىم؟ – دېگەندە، ئاللاھ تائالا دەيدۇكى، بالاڭنىڭ ساڭا قىلغان دۇئاسى بىلەن» دېگەن.

بىز ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ياخشى تەربىيەلەپ تويىنى قىلىپ قويساق بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىمىز. بىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قىلغان دۇئاسى ۋە ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى بىزگە يېتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىز ياشاپ بالىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتسىمۇ، يەنە بىزگە ئەجىر بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ: ”مَا مِنْكُنَّ امْرَأَةٌ تُقَدِّمُ ثَلَاثَةً مِنْ وَلَدِهَا إِلَّا كَانَ لَهَا حِجَابًا مِنَ النَّارِ، فَقَالَتْ امْرَأَةٌ: وَاثْنَتَيْنِ؟ فَقَالَ: وَاثْنَتَيْنِ“ «ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۆلۈپ كەتكەن بالىلىرى قىيامەت كۈنى ئۇ ئايال ئۈچۈن دوزاختىن توسىدىغان پەردە بولىدۇ – دېگەندە، بىر ئايال سورىدى: ئى رەسۇلۇللاھ ئىككى بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىچۇ؟ رەسۇلۇللاھ: ئىككى بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال ئۈچۈنمۇ بالىلىرى دوزاختىن پەردە بولىدۇ – دېدى» دېگەن. دېمەك، پەرزەنتلىرىمىز ھايات بولسا بىزنى جەننەتكە كىرگۈزىدىكەن، ئۆلۈپ كەتسە دوزاختىن ساقلاپ قالىدىكەن. مانا بۇلار ئائىلىنىڭ بىزگە نىسبەتەن جەننەتنىڭ دەرۋازىسى، دوزاختىن پەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قۇرئان-ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”أيما امرأة ماتت وزوجها عنها راض دخلت الجنة“ «ھەرقانداق ئايال ئېرى ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. ھەتتا ئىسلام دىنىمىز ئەركىشىنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولغانلىقىغىمۇ ئەجىر بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە: ”عَنْ أَبِي ذَرٍّ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: وَفِي بِضْعِ أَحَدِكُمْ صَدَقَةٌ. قَالُوا: يَا رَسُولَ اللَّهِ، أَيَأْتِي أَحَدُنَا شَهْوَتَهُ يَكُونُ لَهُ فِيهَا أَجْرٌ؟ قَالَ: أَرَأَيْتُمْ لَوْ وَضَعَهَا فِي الْحَرَامِ أَكَانَ عَلَيْهِ فِيهَا وِزْرٌ؟ فَكَذَلِكَ إِذَا وَضَعَهَا فِي الْحَلالِ كَانَ لَهُ فِيهَا أَجْرٌ“ «ئەبۇ زەر (ئاللاھ رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە،
رەسۇلۇللاھ: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشى سەدىقە ھېسابلىنىدۇ – دېگەندە، ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ بىرىمىز ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرسا، ئۇنىڭغىمۇ ئەجىر بولامدۇ؟ – دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: دەپ بېقىڭلار! ئەگەر شۇ كىشى شەھۋىتىنى ھارام يولدىن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولامدۇ؟ خۇددى شۇنىڭدەك شەھۋىتىنى ھالال يولدىن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ» دېيىلگەن.

دىنىمىزدا ھېچقانداق تەبىئەتكە زىت بولغان چەكلەش ۋە مەھرۇم قويۇش مەۋجۇت ئەمەس. دىنىمىز بىر نەرسىنى ھارام قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا نۇرغۇنلىغان ھالال يوللارنى ئېچىپ بەرگەن. دىنىمىز شەرىئەت ئاساسىدىكى ھالال نىكاھقا بۇيرۇپ، زىنا ۋە ئەۋرەتلىرىنى شەرىئەت بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە ياپمىغان ئوغۇل-قىزلارنى جازالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا چىققان ۋاقىتتا، تونۇرغا ئوخشاش بىر يەردە نۇرغۇن يالىڭاچ ئەر-ئاياللارنىڭ چۇقان-سۈرەن سېلىپ چىرقىراپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى ۋە: «ئى جىبرىئىل! بۇلار كىملەر؟» دەپ سورىدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: «بۇلار زىنا قىلغان كىشىلەر» دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئوتنىڭ يالقۇنى كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ چۇقان سېلىپ بۇ يەردىن چىقىشقا ئۇرۇنۇپ، تونۇرغا ئوخشايدىغان نەرسىنىڭ ئېغىزىغا كەلگەندە، يەنە كەينىگە شوراپ ئەكىرىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆردى.

ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن): «زىناخورلۇق قاتىللىق جىنايىتىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر» دەيدۇ. زىناخورلۇقنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، نامەھرەملەرگە قاراش، زىناغا ئالاقىدار گەپ-سۆز قىلىش، ئاڭلاش ۋە زىنا تەرەپكە مېڭىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى توي قىلىش بولۇپ، ئىقتىسادىي، جىسمانىي، مەنىۋى جەھەتلەردە لايىق ۋە ئادىل بولغان كىشى، تۆتكىچە ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَمِن كُلِّ شَيْءٍ خَلَقْنَا زَوْجَيْنِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ﴾ «سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەربىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق» دېگەن. بۇ ئايەتتىكى جۈپ يارىلىش قانۇنىيىتىدىن ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، مىكروبلار ۋە زەررىچىلەرمۇ خالى ئەمەستۇر. ھەممە مەۋجۇدات جۈپ-جۈپ يارىتىلغان. بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، بىز بۇ قانۇنغا بويسۇنۇپ ئۆز جۈپتىمىزنى تاللىغىنىمىزدا، ئاندىن بەختلىك ياشىيالايمىز.

خىرىستىيان دىنى، بۇددا دىنى، ئاتەش دىنى ۋە ھىندى دىنى قاتارلىق دىنلار نىكاھ مەسىلىسىدە خاتالاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دىنىي پېشۋالارنىڭ ۋە دىنىي ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ توي قىلىشى چەكلەنگەن. بۇددا دىنى راھىبلارنىڭ توي قىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا توي قىلىش ئۆزىنى بۇلغىغانلىق بولۇپ، راھىبلار تەڭرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، پاك تۇرۇشى كېرەكمىش.

خىرىستىيان دىنىدا چېركاۋ خىزمەتچىلىرىنىڭ توي قىلىشى چەكلىنىدىكەن. ئەمما گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئەكسىچە بارلىق بۇزۇقچىلىق، كېسەل ۋە ھەمجىنىسلارنىڭ چېركاۋدىن كۆپ چىقىۋاتقىنىنى بىلەلەيمىز. مەسىلەن: ئىسپانىيەدىكى 70 مىليون ئادەم ئەگىشىدىغان بىر چېركاۋنىڭ پوپى ئەر كىشى بىلەن توي قىلغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ھىندى دىنىدا بولسا، بىر ئۆمۈر يۇيۇنمىغان ۋە توي قىلمىغان كىشى ئەۋلىيا ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئىسلام دىنىمىزدا ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە زىت بۇ خىل ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس.

ئىسلامدا توي قىلىشنىڭ شەرتلىرى ھەرگىزمۇ پۇل-مال ۋە ئۆي ئەمەس. توي قىلىش ئۈچۈن چوڭ بىنا بولمىسىمۇ، پەقەت بىر ئېغىزلىق ئۆي بولسا، ماشىنا بولمىسىمۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇتىمىز بولسا كۇپايە. ئىسلامدا قارشى تەرەپكە ئىگە چىقالىغۇدەك ئەخلاقلىق يىگىت ۋە ھايالىق، ئىپپەتلىك قىز بولسا، نىكاھ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە جۇلەيبىب دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساھابە بار ئىدى. بۇ ساھابىنىڭ بويى پاكار، چىرايى سەت ۋە كەمبەغەل ئىدى. بىر كۈنى ئۇ رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ھېچ بولمىسا ئۇ ئالەمدە ھۆر ئەيىن بىلەن بولسىمۇ توي قىلىمەن» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ خالىسا، جەننەتتىمۇ توي قىلىسەن، بۇ دۇنيادىمۇ توي قىلىسەن. سەن پالانىنىڭ قېشىغا بېرىپ، رەسۇلۇللاھ قىزىڭىزنى ماڭا نىكاھلاپ بېرىشىڭىزنى ئېيتتى، دېگىن» دېدى. جۇلەيبىب ئۇلارغا: «سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ سالامى بار. رەسۇلۇللاھ قىزىڭلارنى ماڭا نىكاھلاپ بېرىشىڭلارنى ئېيتتى» دېگەندە، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇ قىز: «سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە ئىككىلىنەمسىلەر؟ مېنى دەرھال ئۇ يىگىتكە ئۆيلەپ قويۇڭلار» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى. رەسۇلۇللاھ بۇلارغا دۇئا قىلدى. شۇ كۈنى جىھاد چاقىرىقى بولغاندا، جۇلەيبىب ھېچ ئىككىلەنمەستىن جىھادقا چىقىپ شېھىت بولدى. رەسۇلۇللاھ جۇلەيبىبنىڭ بېشىنى تىزىغا قويۇپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتتى ۋە: «جۇلەيبىب مېنىڭ بىر پارچەم، مەن جۇلەيبىبنىڭ بىر پارچىسى» دېدى.

رەسۇلۇللاھ بۇ ساھابىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. جۇلەيبىبنىڭ ئايالى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بىلەن جۇلەيبكە پۇل-مال ياكى چىرايىنى ئويلاشماستىن ياتلىق بولغان ئىدى. ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ئۇ قىزنىڭ ئىددىتى توشقاندا، ئۆچرەت تۇرۇپ ئۇ قىزغا ئەلچى بولۇپ كىردى. ئۇ قىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىلا ئەجىرىنى كۆردى. شۇڭا يىگىتلىرىمىز ئەخلاقلىق ۋە ئىمانلىق، قىزلىرىمىز ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق بولسا، ئىككىلەنمەستىن تۇرمۇشىنى قۇرۇشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا قېرىنداشلارنى توي قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ بەرسۇن ياكى باشقىلارنىڭ توي قىلىشىغا ياردەمچى قىلىپ بەرسۇن!

ئىنكاس يېزىش

ئىلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ . زۆرۈر ئورۇنلار *

*