[ئائىلەم جەننىتىم]ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

[ئائىلەم جەننىتىم]ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

[ئائىلەم جەننىتىم]ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى سۆزلىگەن ”ئائىلەم جەننىتىم“ دەرسىدىن

بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ

الحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله وعلى آله وصحبه ومن والاه أما بعد:

نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، كۈلپەت ۋە زۇلۇم تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئىمانى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار بىلەن «ئىسلام دىنىدىكى ئائىلىنىڭ ئورنى، ئىسلام توي قىلىشقا قانداق قارايدۇ؟ ئەر-ئايالنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى نېمە؟ قىز-يىگىت بىر-بىرىنى قانداق ئۆلچەم بىلەن تاللايدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە مەسىلىدە ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىز ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىزگە تەتبىقلىساق، چوقۇم نەتىجىسىنى كۆرۈپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك بولىمىز. ھەتتا بۇ دىنغا ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ، دىننىڭ تەلىماتلىرىنى ئىنسانىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەتبىقلىغان كاپىرمۇ دۇنيادا بەختلىك بولىدۇ.

ئائىلە ئادەم ئەلەيھىسسالام يەرشارىغا چۈشكەندىن تارتىپ بارلىققا كەلگەن. ئاللاھ تائالا بىزگە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى بايان قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بىرگە بايان قىلدى. مەسىلەن: ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىز، نوھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئازەر، ھاجەر ۋە سارە، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاكىسى ھارۇن ئەلەيھىسسالام ۋە سىڭلىسى، مەريەم ئانىمىز بىلەن ئەيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاياللىرى بىرلىكتە بايان قىلىندى.
نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئائىلىلىرى بىلەن بىرگە بايان قىلىنىدۇ؟ چۈنكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئائىلىسى بىزنىڭ ئۈلگىمىز. دىنىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن ۋە ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئائىلە بىز ئۈچۈن دۇنيادىكى جەننەت ۋە ئەڭ ياخشى راھەتلىنىدىغان ماكان. شۇڭا مۇكەممەل ساغلام ئائىلە قۇرۇش ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ساغلام ئائىلە بىز ئارزۇ قىلىۋاتقان ساغلام ئىسلامىي جەمئىيەت ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۇنجى ھۈجەيرىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئائىلىلەردىن نۇرغۇن ئالىم-ئۆلىمالار ۋە سىياسىي داھىيلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، جەمئىيەتتە غەلىبە قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىسىدە ياخشى تەربىيەلەنگەن كىشىلەر ئىكەن. ئىسلام تارىخىدىكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك ۋە ئىمام بۇخارى قاتارلىق ئۆلىمالار ئىلىم-مەرىپەتنى سۆيىدىغان ساغلام ئائىلىدە ياخشى تەربىيەلەنگەن ئىدى.
قۇرئان كەرىمدىكى «تالاق»، «نىسا»، «نۇر» قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق سۈرىدىكى تەخمىنەن 146 ئايەت، ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بايان قىلغان. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قانۇنىنى 20 ئايەت بىلەن بېكىتكەن بولسا، ئائىلە ھەققىدىكى پىرىنسىپلارنى 146 ئايەت بىلەن بېكىتكەن. بۇ دىنىمىزنىڭ ئائىلىگە نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىسلام دىنىمىزدا ئائىلە ۋە نىكاھ مۇقەددەس ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا توي قىلىش، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مەجبۇرىيەت، پەرزەنتلىك بولۇش، پەرزەنت تەربىيەلەش، ئاجرىشىش ۋە مىراس قاتارلىق ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار، بارلىق ئىسلام قانۇنىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان ياشلارنى ئائىلە قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ: ”يَا مَعْشَرَ الشَّبَابِ مَنِ اسْتَطَاعَ مِنْكُمُ الْبَاءَةَ فَلْيَتَزَوَّجْ“ «ئى مۇسۇلمان ياشلار! سىلەر ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن توي قىلىشقا قادىر بولساڭلار، كېچىكتۈرمەستىن دەرھال توي قىلىڭلار» ۋە ”إذا جاءكم من ترضون دينه وخلقه فزوجوه إلا تفعلوه تكن فتنة في الأرض وفساد كبير“ «سىلەرگە دىندار ۋە ئەخلاقلىق كىشى قىز سوراپ كەلسە، قىزىڭلارنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، زېمىندا پىتنە-پاسات ۋە چوڭ بۇزغۇنچىلىق يۈز بېرىدۇ» دېگەن. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلىشنى كېچىكتۈرگەن ياكى توي قىلمايدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر كەلگەن.
يەنە بىر ھەدىستە: ”جاء ثلاثة رهط إلى بيوت أزواج النبي صلى الله عليه وسلم يسألون عن عبادة النبي صلى الله عليه وسلم فلما أخبروا كأنهم تقالوها فقالوا وأين نحن من النبي صلى الله عليه وسلم قد غفر له ما تقدم من ذنبه وما تأخر قال أحدهم أما أنا فإني أصلي الليل أبدا وقال آخر أنا أصوم الدهر ولا أفطر وقال آخر أنا أعتزل النساء فلا أتزوج أبدا فجاء رسول الله صلى الله عليه وسلم إليهم فقال أنتم الذين قلتم كذا وكذا أما والله إني لأخشاكم لله وأتقاكم له لكني أصوم وأفطر وأصلي وأرقد وأتزوج النساء فمن رغب عن سنتي فليس مني“ «ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە سوراپ باردى. ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز ھېس قىلىشىپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان تۇرسا، بىزنى ئۇنىڭغا قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ – دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى: مەن ھەر كېچىسى ناماز ئوقۇيمەن. يەنە بىرى: مەن داۋاملىق روزا تۇتىمەن. يەنە بىرى بولسا: مەن توي قىلماي ئاياللاردىن يىراق تۇرىمەن – دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەر بەزى سۆزلەرنى قىلىپسىلەر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئاللاھتىن بەك قورقىدىغان ئەڭ تەقۋادار كىشى. لېكىن مەن روزا تۇتىمەن، ئېغىزمۇ ئاچىمەن. ناماز ئوقۇيمەن، ئۇخلايمەن ۋە تويمۇ قىلىمەن. كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرىسە، ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس – دېدى» دېيىلگەن. دېمەك، تۇرمۇش مەسىلىسى دىنىمىزدا ناھايىتى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا سانىلىدۇ.

بىز يۇقىرىدا «دىنىمىز ئىنسانلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن» دېدۇق. ئەلۋەتتە ھەر ئىنساننىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇش ئارزۇسى بار. بەختلىك بولۇش ئۈچۈن تۆت تۈرلۈك ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

بىرىنچىسى: ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە كۆڭۈل بۆلۈش. بىز بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياراتقۇچىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ياراتقۇچىنى تونۇش دىنىمىزنىڭ بىرىنچى ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ياراتقۇچىنىڭ كىملىكى، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى چۈشەنمىگەن كىشى قانچىلىك ئالىم، پەيلاسوپ ۋە كاتتا ھوقۇقدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنىلا بىلىمسىز ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى: ئائىلە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە كۆڭۈل بۆلۈش. چۈنكى ئىنسان نۇرغۇن مال-دۇنيا ئىگىسى بولسىمۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭشىيەلمىسە، بەختنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىيالمايدۇ.

ئۈچىنچىسى: تۇرمۇشىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ھۈنەر-كەسىپ ۋە خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلۈش. چۈنكى دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز، ئىقتىسادقا موھتاج بولىمىز. ئىقتىسادنى ھالال يولدىن تېپىشىمىز ، ئەمەلىيەتتە ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىز ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچىسى: ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش. چۈنكى يۇقىرىقى بارلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ساغلام بەدەن ۋە ساغلام قەلبكە موھتاج بولىمىز.
ئىنساندا يۇقىرىدىكى تۆت خىل «كۆڭۈل بۆلۈش» تولۇق روياپقا چىققاندا، دۇنيا-ئاخىرەتلىك ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلالايدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىنچىسى ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش بولۇپ، ئائىلە بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىمىز ۋە جەننىتىمىز. رەسۇلۇللاھ ئائىلىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشى ئۈچۈن ئەرلەرگە: ”خَيْرُكُمْ خَيْرُكُمْ لِأَهْلِهِ وَأَنَا خَيْرُكُمْ لِأَهْلِي“ «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلغىنىدۇر، مەن ئىچىڭلاردىكى ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم» دېگەن بولسا، ئاياللارغا: ”لا ينظر الله إلى امرأة لا تشكر لزوجها“ «ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولدىشىغا رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىگەن ئايالغا قارىمايدۇ» دېگەن. ئائىلىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ۋە نۇرغۇن نەرسىدىن ۋاز كېچىپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئېرىگە تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلمىگەن ئايالغا ئاللاھ قارىمايدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلەر بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: ”خياركم خياركم لنسائهم خلقاً“ «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىدۇر» دېگەن ۋە ئاياللارنىڭ يولدىشىغا ئىتائەت قىلىشى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلىشىنى تەكىتلەپ: ”وَلَوْ صَلَحَ لِبَشَرٍ أَنْ يَسْجُدَ لِبَشَر، لَأَمَرْتُ الْمَرْأَةَ أَنْ تَسْجُدَ لِزَوْجِهَا“ «ئەگەر ئىنساننىڭ ئىنسانغا سەجدە قىلىشى توغرا بولغان بولسا، ئايالنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم» دېگەن.
رەسۇلۇللاھ ئائىلىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، ساغلام ۋە يىمىرىلمەس قورغان بولۇشى ئۈچۈن، ئەر-ئايالنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن. شۇنداقلا ئائىلىنىڭ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن، ئەرلەرنى ئاياللىرىنى خورلىماسلىققا ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان . ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ﴾ «ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە: «چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلارنى قەدىرلەش، ئۇلاردىن كەلگەن ئەزىيەتكە سەبىر قىلىپ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

ئائىلىنى قوغداشتا ئاياللارنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟ رەسۇلۇللاھ بىر ھەدىستە: ”أَيُّمَا امْرَأَةٍ سَأَلَتْ زَوْجَهَا طَلاقًا فِي غَيْرِ مَا بَأْسٍ فَحَرَامٌ عَلَيْهَا رَائِحَةُ الْجَنَّة“ «ھەرقانداق بىر ئايال سەۋەبسىز ئېرىدىن تالاق تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇ ئايالغا جەننەتنىڭ پۇرىقىمۇ ھارام بولىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسمۇ ئىناق-ئىتتىپاق، مۇستەھكەم ئائىلە قۇرۇشتا ئايالنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ھېكايە قىلىنىشىچە، شەيتانلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا قۇرۇپ، ئەتراپىدىكى شايكىلىرىنى خىزمەتكە بۇيرۇيدۇ. كەچتە بۇ شايكىلار خىزمەت دوكلاتى بېرىپ: «مەن پالانىنى پالانىغا ئۆلتۈرگۈزدۈم، بىر-بىرى بىلەن زىنا قىلغۇزدۇم، ئوغرىلىق قىلغۇزدۇم» دېيىشىدۇ. ئىبلىس ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ. يەنە بىرى: «مەن بۈگۈن بىر ئەر-ئايالنى ئاجراشتۇرۇۋەتتىم» دېگەندە، ئۇنىڭغا خۇرسەن بولۇپ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزىدۇ، دېگەن مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. دېمەك، بۇ ھېكايىنىڭ مەزمۇنىمۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىبنى خەلدۇن: «بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ياكى ئارقىدا قېلىپ ۋەيران بولۇشى شۇ دۆلەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ۋە ساغلام بولۇش-بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئائىلىنىڭ ئىناق بولۇشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىشنى جىھادتىن ئەۋزەل ئەمەل قاتارىغا تىزغان» دېگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: ”سألت النبي -صلى الله عليه وسلم- أي العمل أحب إلى الله تعالى؟ قال: الصلاة على وقتها، قلت: ثم أي؟ قال: بر الوالدين، قلت: ثم أي؟ قال: الجهاد في سبيل الله“ «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل قايسى؟ – دەپ سورۇدىم، رەسۇلۇللاھ: ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز – دېدى. مەن: ئاندىن كېيىنچۇ؟ – دېدىم، ئۇ: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش – دېدى. مەن: ئاندىن كېيىنچۇ؟ – دېسەم، ئۇ: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش – دېدى» دېيىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: ”ليس منا من لم يرحم صغيرنا، ويعرف شرف كبيرنا“ «كىچىكلىرىمىزگە كۆيۈنمىگەن، چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلەشنى بىلمىگەن كىشى بىزدىن ئەمەس» دېيىلگەن.
رەسۇلۇللاھ ئائىلە قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىدىن، ئائىلە ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇلنىڭ جىھادقا خەجلەنگەن پۇلدىنمۇ كاتتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. توي قىلىش ئەر-ئايالنى ئەجىر-ساۋابقا باشلاپ قويىدۇ. تۇرمۇش قۇرغان ئەر-ئايالنى، ئوڭ-سول ۋە ئالدى-كەينى تەرەپلەردە ساۋاب كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئائىلە قۇرمىغانلارنىڭ ئائىلە قۇرغانلار ئېرىشىدىغان نۇرغۇن ساۋابتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى «ئىسلام دىنى توي قىلىشقا قانداق قارايدۇ؟» دېگەن تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز، ئىنشائاللاھ.

دىنىمىز بارلىق نۇقتىدا ئائىلىنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ھەققىدە توختالغان. ئەمما دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنساننىڭ ئەسلىي تەبىئىتىنى بىلەلمىگەنلىكتىن ۋە ياراتقۇچى ئاللاھ بېكىتىپ بەرگەن ھايات يولىنى ئۆزىگە دەستۇر قىلمىغانلىقتىن، ئائىلىنى ۋەيران قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى ئوغۇل-قىزلارغا يۈگەنسىز ئەركىنلىك بېرىشنى دەۋا قىلىپ، ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن. مەسىلەن: ئوغۇل-قىزلار «دوستلۇق قالپىقى» ئاستىدا چەكلىمىسىز بىللە يۈرۈپ، نۇرغۇن دادىسىز بالىلار مەيدانغا كەلگەن ياكى شۇ «ياش ئانىلار» نىڭ قورسىقىدىلا تۇنجۇقتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئىسلامغا زىت بۇ خىل «ئەركىنلىك» نۇرغۇن غەيرىي كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇپ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نىيۇزىك» ناملىق ژۇرنالنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىدا: «ئامېرىكا سەكراتقا چۈشۈپ قالدى. چۈنكى ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە ئامېرىكىدا ئائىلىسىز تۇغۇلغان بالىلارنى بېقىۋاتقان ئانىلارنىڭ سانى 7 مىليون 500 مىڭغا يەتتى. ئامېرىكىدىكى 3 بالىنىڭ بىرى ئائىلىسىز تۇغۇلغان» دېيىلگەن.
غەربتە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئىگە بولالمايدۇ. قىزلار يېشىغا يەتكەن ھامان، ئۇلارنى خاتادىن توسۇپ توغرىغا باشلاش ھوقۇقى ئاتا-ئانىدىن تارتىۋېلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئائىلە مۇھەببىتى سۇسلىشىپ، بالىلاردىكى ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەپ، قەدىرلەش تۇيغۇسى ئاجىزلىشىدۇ. ئۇ دۆلەتلەردە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا بايرام كۈنلىرى تېلېفون قىلىپ قويغىنى «ۋاپادارلىق» ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بوشنىڭ «مەن ئاتا-ئانامغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. ئۇلارغا 15 كۈندە بىر قېتىم تېلېفون قىلىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ ئاتالمىش غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئەھۋالى.

بىز ھازىر زىنا-پاھىشە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ئاشكارا شەكىلگە كەلگەن بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. قىسقىسى، تور دۇنياسىدىكى ئائىلىنى ۋە قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى زەھەرلەۋاتقان «سېرىق فىلىم» تارقىتىدىغان تور بېكەتنىڭ سانى 23 مىليوندىن، مەخسۇس «سېرىق فىلىم» تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سانى 200 دىن ئاشقان. مۇشۇنداق شارائىتتا قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ ئائىلە قۇرۇپ ھارامدىن ساقلىنىشى، شەيتانغا بېرىلگەن ئەڭ ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا يىگىتلەرنىڭ كۆزىنى ھارامدىن ساقلاشقا بۇيرۇغان بولسا، قىزلىرىمىزنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا بۇيرىدى. نۆۋەتتە ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ ھەقىقىي مۇسۇلمان سۈپىتىدە ياشاۋاتقان قىزلىرىمىزنى «يەر يۈزىدىكى پەرىشتىلەر» دەپ تەسۋىرلىسەك ھەرگىز مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاكلىقى بىلەن دۇنيا قىزلىرىغا ئۈلگە بولالايدۇ.
يىگىتلىرىمىزنىڭ شۇ «پەرىشتىلەر» نى قوغداش ۋە پاك ھالىتىدە ساقلاشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭا ھەرقېتىم باشقىلارنىڭ قىزلىرىغا قارىغىنىمىزدا، ئۆز ئاچا-سىڭىلىمىزنىڭ ئويلىشىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئارزۇ قىلساق، باشقا قىزلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.

ئاللاھ بىزدە يات جىنسقا بولغان ئىستەكلەرنى ياراتتى. ئەمما بىز بۇ ئىستەكلەرنى ئۆز ھېسسىياتىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن ھالال يول ئارقىلىقلا روياپقا چىقىرىشىمىز لازىم. ئۇ يول بولسىمۇ ساغلام ئائىلە قۇرۇشتۇر.

بىزنىڭ يا دۆلىتىمىز يا خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلاتىمىز يوق. شۇڭا ئۆزىمىز، دىنىمىز، مەۋجۇتلۇق ۋە كىملىكىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان بىردىنبىر تەشكىلاتىمىز ئائىلىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەنلەر ئاخىرقى قورغىنىمىز بولغان ئائىلىمىزنى ھەرخىل ئازدۇرغۇچى تەتۈر تەشۋىقاتلار بىلەن ۋەيران قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز دۈشمەنگە قارشى ساغلام بىر ئائىلە قۇرۇپ، ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك.

دەرسىمىزنىڭ ئاخىرىدا سىلەرگە ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىرىنچى: «دىنسىزلار بىلەن توي قىلىش، توي قىلىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە قىز-يىگىت ئاۋۋال ئارىلىشىپ، ئاندىن توي قىلىش» قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزىمىزگە يېقىن يولاتمايلى. دىنىمىزدا قىز ۋە ئوغۇل دوست دەيدىغان نەرسە يوق، بەلكى قۇرئان-ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسلانغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بولىدىغان ھالال مۇقەددەس نىكاھ بار.

ئىككىنچى: ئائىلىسى بارلار ئائىلىمىزنى مۇھاپىزەت قىلايلى. ئائىلىنى بەختلىك قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەر-ئايالنىڭ قۇرئان-ھەدىستە كۆرسىتىلگەن دىنىي مەسئۇلىيىتى بىلەن ھوقۇقىنى تونۇپ يېتىش-يەتمەسلىكىگە باغلىق بولۇپ، بىز شۇلارنى ياخشى بىلىپ يەتسەك، چوقۇم ئائىلىنى بەختلىك قىلالايمىز.

ئۈچىنچى: بالدۇر توي قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ مۇشۇنداق پىتنە-پاسات ۋە بۇزۇقچىلىق بىلەن توشۇپ كەتكەن دۇنيادا دەرھال توي قىلغان ياخشى. توي قىلىش ئۈچۈن ماشىنا ۋە قەۋەتلىك داچا بولمىسىمۇ، پەقەت بىر ئېغىزلىق ئۆي، ياخشى كۆرىدىغان ھالال جۈپتىمىز ۋە قورساق تويغۇدەك نان بولسا كۇپايە. ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ ئۆزىمىز ۋە قارشى تەرەپكە بېسىم قىلىپ توينى كېچىكتۈرۈش، قۇرئان-ھەدىستىن يىراقلاپ كەتكىنىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.

«نىيۇزىك» ژۇرنىلىدا ئېيتىلىشىچە، «ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئائىلىنى قۇتقۇزۇش كېرەك» دەيدىغان ئاممىۋىي تەشكىلات قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات ھەرقانداق قىز-يىگىت پاك ھالەتتە توي قىلسا 10 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، ھېچقانداق قىز-يىگىت ئۆزىنىڭ مۇتلەق پاكلىقىنى ئىسپاتلاپ مۇكاپات ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. مانا بۇ دىندىن يىراقلاشقانلىق، قۇرئان-ھەدىس بايان قىلغان ئازغۇنلۇق ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك. شۇڭا بىز دىنىمىزدىكى ئائىلىنىڭ ئورنى، مەجبۇرىيىتى ۋە تۈزۈمىنى ياخشى ئۆگىنىپ ، ئۇنى ھاياتىمىزغا تەتبىقلاپ، دۇنيا-ئاخىرەتتىكى نىجاتلىقنى تېپىشىمىز كېرەك.
ئاللاھ ھەممىمىزنى بەختلىك، سائادەتمەن، ئىمانلىق، ئىنسابلىق ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەر قاتارىدىن قىلسۇن!

ئىنكاس يېزىش

ئىلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ . زۆرۈر ئورۇنلار *

*